• KultureGeek
  • Comparateur de prix
       
iPhoneAddict
 iAddictv5Notre Application iPhone/iPad
  • Accueil Apps
  • Actualité Apple
  • Keynote Apple
  • Firmwares & iTunes
  • Contactez-nous
Accueil » Liste des Apps » Apps Universelles » Education » Ewlat
4.0.1 iOS €Gratuit Abdullah karakas 0 0 ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز...
Ewlat

Ewlat

iOS Universel / Education

Gratuit
Obtenir sur l'App Store

ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!
ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ www.ewlat.net توربېكىتىدە تارقىتىلغان كارتون ۋە فىلىملەرنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئەۋلاد" (EWLAD) ناملىق بۇ دېتالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياساتقۇزۇپ تارقىتىلغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق: (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.)
ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1-3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىب تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم.
2- 32 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "مېنىڭ گۈزەل پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم.
3-ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان جەمئىي 4 قىسىملىق "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم.
4- قۇرئان كەرىمنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەجۋىدىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" نىڭ پارىلار بويىچە ئايرىلغان ھۆججەتلىرى.
5- سېنارىيەسىنى مۆھتەرەم يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان 31 قىسىملىق "كۆپ قىسىملىق ھەزرىتى ئۆمەر فىلىمى" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
6- قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق 30 قىسىملىق كارتون فىلىم.
7- 1990- يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
8- ئاللاھ بىلەن قۇل ۋە بەندە بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەق-ھوقۇقلار تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "قۇل ھەققى" ناملىق كارتون فىلىم.
9- قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قېرىنداشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھابىل بىلەن قابىل قىسسىسى تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "ھابىل بىلەن قابىل" ناملىق كارتون فىلىم.
10- بۈگۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئىلىم-پەننىڭ ئۇلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سالغانلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان "1001 كەشىپ ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم.
ئۇندىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن كارتونلارنىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق كۆرۈپ پايدىلىنالايسىز.
جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يوللار ئارقىلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلسۇن.
ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك يار بولسۇن.
ئىقتىسادىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق ewlatbiz@gmail.com
تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net
ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم – تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

En voir plus...

Quoi de neuf dans la dernière version ?

كۆرۈنمە يۈزلەر ئەلالاشتۇرۇلدى، سىن قويۇلۇپ كەلگەن يېرى خاتىرىلىنىدىغان قىلىندى. iOS11 ۋە يۇقىرى نەشرى قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

  • Screenshot #1 pour Ewlat
  • Screenshot #2 pour Ewlat
  • Screenshot #3 pour Ewlat
  • Screenshot #4 pour Ewlat
  • Screenshot #5 pour Ewlat
  • Screenshot #6 pour Ewlat

D'autres applications du développeur

Awazliq Kitap
Awazliq Kitap
/ iOS Universel
قۇرئان كەرىم
قۇرئان كەرىم
/ iPhone
Awazliq Eserler
Awazliq Eserler
/ iOS Universel

Note

(0 note)

Détails sur l'application

Version
4.0.1
Taille
11 Mo
Version minimum d'iOS
11.0
Dernière mise à jour
26/07/2021
Publié par
Abdullah karakas

Newsletter App Store

Recevez chaque jour les meilleures promos

Actualité Apple

Image Une publicité pour Apple Arcade met en avant Sonic, Pac-Mac et d’autres
Une publicité pour Apple Arcade met en avant Sonic, Pac-Mac et d’autres
Image YouTube confirme des plantages sur iPhone et donne la solution
YouTube confirme des plantages sur iPhone et donne la solution
Image L’iPhone Air de 2027 aurait un écran moins gourmand en énergie
L’iPhone Air de 2027 aurait un écran moins gourmand en énergie
Image Le pass Navigo Liberté+ est disponible sur iPhone
Le pass Navigo Liberté+ est disponible sur iPhone
Partenaires : Actualité iPhone - Culture Geek
©2009-2025 i2CMedia | A propos |